Supesite6.0/X-Space4.0 Final ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تارقىتىلدى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بۇ نۇسخا پەقەت Discuz!6.0.0 ئىشلىتىۋاتقانلارغا ماس كىلىدۇ . Discuz!6.1.0 غا ماس كەلمەيدۇ . مەن بىرنەچچە كۈن ئىچىدە Discuz!6.1.0 غا ماس كىلىدىغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلىمەن . شۇڭا 6.1.0 ئىشلىتىۋاتقانلار سەل تەخىر قىلىڭلار . 6.1.0غا ماس كىلىدىغىنى نۇرقۇت تۇراسى نامىدا تەييارلىنىۋاتىدۇ ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار ، پىقىر ئۇيساندىن ھەممىڭلارغا سالام .
مىنىڭ كىملىكىمنى ۋە مەقسىتىمنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ
بۆگۈن مەن بارلىق تورداشلارغا Supesite/X-Space4.0 Final ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ئېلىپ كەلدىم . (ئىسڭىزدە بولسۇن تۇلۇق ئۇيغۇرچە ئەمەس . ئەمما كۆرۈنمە يۈز ئاساسەن ئۇيغۇرچىلىشىپ بولغان ،بەت يۈزى تەڭشىلىپ تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ بولغان . ) . x-space بىلوگ قىسمى ئۈچۈن 100خىلغا يېقىن ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇلغان . ئەزالارنىڭ باشقۇرۇش رايۇنىمۇ ئۇيغۇرچە ، ئەزالار ئىختىيارى ئۇسلۇب قوشالايدۇ . ناھايىتى قۇلايلىق ! رەسىمدىن كۆرۈڭ . يۇقارقى تېمىدىكى مەقسەت بۇيىچە ھەممىڭلارغا بۇ سىستېمىنى ھەقسىز سوۋغا قىلىمەن .
قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ مەقسەتكە كىلەيلى : بۇ پروگىراممىنى نۇرقۇت دۇنياسىدىكى ھەۋەسكارلار بىلەن بىرلىشىپ مۇكەممەل ئۇيغۇرچە ھالەتكە كەلتۈرسەك دېگەن ئۈمۈدتىمەن .
ئۆمۈدۈم: مۇشۇ پروگىراممىغا قىزىقىدىغانلار بىلەن تۇنۇشۇش ، پىكىرلىشىش ، تۇلۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ، ئۆلچەملەشتۈرۈش ،شۇنداقلا بۇ پروگىراممىنى ئۇيغۇر تورچىلىقىغا سىڭدۈرۈش .
بۇ نۇسخىسى بۇ پروگىراممىنىڭ ئاخىرلاشتۇرغۇچى نۇسخىسى . بۇ نۇسخىدىن كىيىن ئازراق يېڭىلىنىش بولغان بولسىمۇ ، ئىقتىدارىدا ئىلگىرلەش بولغىنى يوق .
ئەسكەرتىش :
بۇ پروگىراممىنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇچۇر ھوقۇقى نۇرقۇت ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بىرىلدى . مەنمۇ نۇرقۇت ئەترىتى ئەزاسى قاتارىدا پائالىيەتكە قاتنىشىمەن .
ئىشلىتىش جەريانىدا ھەرقانداق مەسىلىگە يۇلۇقسىڭىز بۇ يەرگە كىرىپ ئۇچۇر قالدۇرسىڭىز مەن ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىپ بىرىمەن . ئىسىڭىزدە بولسۇن !ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۇچۇرىغا چېقىلماڭ ! بولمىسا ياردەمگە ئىرىشەلمەيسىز . باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ !
ئىختىيار قىلغانلارنىڭ نۇرقۇت دۇنياسىنى ئۇلىنىش قاتارىغا قۇشۇپ قۇيىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . (قوشۇش-قوشماسلىقىڭىز ئىختىيارىڭىز .)
نۇرقۇت دۇنياسىنىڭ ئادرىسى:http://www.nurqut.com بېكەت تۇغى : 
پروگىرامما سەل چوڭ بولغاچ كۆرگەزمىگە چىقىرىلمىدى . تۈۋەندىكىسى ئىكراندىن تۇتۇلغان رەسىملەر :ئەسلى تېما ئادرىسىغا كىرىپ كۆرۈڭ
قاچىلاش ئۈچۈن install.php نى ئىجرا قىلىڭ . ساندان ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ ، قەدەم باسقۇچ بۇيىچە داۋاملاشتۇسىڭىزلا بولىدۇ .
بىر نوقتا چالا قاپتۇ ! ئۇسلۇبنى softsea قىلىپ تەڭشەڭ ! ئاندىن تۇلۇق ئۇيغۇرچە چىقىدۇ
چۈشۈرۈش ئۇسۇلى : تېمىغا كىرىپ بىر ئېغىز رەھمەت ئېيتقاندىن كىيىن ھېچكىمگە دىمەيلا ئېلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ . رەھمەت ئېيتقۇڭىز بولمىسا ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
سىغىمى : 29.12MB
چۈشۈرۈش ئادرىسى : |