نۇرقۇت ئەترىتى ھەققىدە
نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇر تور مەدەنىيتى ئۈچۈن خالىسانە تۆھپە قۇشۇش ۋە ئۆز-ئارا ئۆگۈنۈپ ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن ، بىرلىك ، ئىتتىپاقلىق ، ھەمكارلىق بايرىقى ئاستىدىكى ئىلغار پىدائىيلاردىن تەشكىللەنگەن ئەترەت .
ئەترەت قۇرۇلمىسى :
ئېچىش گۇرۇپپىسى (دەرس سۆزلەش ، پروگىرامما تۈزۈش ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . )
تەرجىمە گۇرۇپپىسى(ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .)
لاھىيەلەش گۇرۇپپىسى(لاھىيەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.)
ئەخلاق ئۆلچىمى : كەمتەر ، سەمىمىي ، ئەدەبلىك بۇلۇش ، مەنمەنچىلىك قىلماسلىق ، قىلغان ئىشىغا مىننەت قىلماسلىق .
ئەترەت ئەزالىرى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتىلار :
1. ئەترەت ئەزالىرى تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلسا ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلمىسا ، يەنى تۆھپە قۇشۇشتىن ، بېكەتتە پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن باش تارتسا ، ئۇنداقتا بۇ ئەزانىڭ ئەترەت ئىچىدە تۇرۇش ھوقۇقى بېكار قىلىنىدۇ.
2. ئەترەت ئەزالىرى قىلغان ئىشىغا مىننەت قىلماسلىقى ، ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى كۆز-كۆز قىلماسلىقى ، ئەترەتنىڭ نامىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ئىش-ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك .
3 . ئەترەت ئەزالىرى كەم دىگەندە ھەپتىدە بىر قېتىم نۇرقۇت دۇنياسىغا كىلىشى ھەم ئەترەت پائالىيتىگە قاتنىشى كېرەك .
4 . ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن دەل ۋاقتىدا چىقىشى ، ئەترەت پائالىيتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك .
5 . ئەترەتنىڭ ۋە نۇرقۇت دۇنياسىنىڭ راۋاجلىنىش ئۈچۈن پىكىر-تەكلىپلەرنى ئايىماسلىقى ، ئاكتىپلىق ، دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويىشى كېرەك .
داۋاملىق تۇلۇقلىنىدۇ .. .
ئەترەتكە قاتنىشىشنى خالايدىغان ئىختىساسلىقلارنى ھەرۋاقىت قارشى ئالىمىز . . ..
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى
نۇرقۇت دۇنياسى نۇرقۇت ئەترىتى
2008-يىل 11-ئاينىڭ 22-كۈنى يېڭىلاندى
2008-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭىلاندى
|