Vista + IIS+Asp+Asp.net+PHP+Mysql+Apach+Zend مۇھىتى قۇرۇش
كومپيۇتېرغا vista قاچىلىغاندىن كىيىن asp ۋە php ئىشلىتىشكە توغرا كەلدى . قايتا-قايتا سىنىساممۇ زادى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىدى .. . سىنا-سىنا ئاخىرى مۇۋەپپىقىيەت قازاندىم . قاچىلىغان نەرسە كۆپ بولسىمۇ ، ئەمما مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا IIS+Asp+PHP+Mysql+Apach+Asp.net+phpMyAdmin نى قۇرۇۋالدىم . شۇڭا بۇنىڭ مەشغۇلات جەرانىنى قالدۇرۇپ قوياي . . . لازىم بولغان دوستلار پايدىلىنارسىلەر. .
ئومۇمىي جەريان : IIS قاچىلاش ۋە comsenzexp قاچىلاش .
iis ئارقىلىق asp , asp.net مۇلازىمەتلىرى ئېچىلىدۇ .
comsenzexp بولسا PHP+Mysql+Apach+phpMyAdmin نى قاچىلىغاندىن سىرت ، discuz! ,supesite ,ucenter,ucenter home,supev , ecshop قاتارلىقلارنى قاچىلايدۇ . بىز PHP+Mysql+Apach+phpMyAdmin غا ئىرىشىپ بولغاندىن كىيىن باشقا قۇشۇمچە discuz! ,supesite ,ucenter,ucenter home,supev , ecshop غا ئىھتىياج بولمىسا ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ .
نىمىشقا comsenzexp نى تاللىدىم ؟ چۈنكى ئۇ 80 ئېغىزىنى iis بىلەن تالاشمايدۇ . شۇڭا ھەرئىككىلىسى نۇرمال ئىجرا بولىدۇ . يەنە بىرى ئۇنىڭ قاچىلىنىشى پۈتۈنلەي ئاپتۇماتىك . ئورۇننى كۆرسۈتۈپ قويسىڭىز پۈتۈلەي ئاپتۇماتىك قاچىلايدۇ .
Vista دا IIS قاچىلاش قەدەم باسقۇچلىرى
1. 开始》控制面板》程序》打开或关闭Windows功能》Internet信息服务
بۇ جايدىن باشلايمىز . دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يىرى IIS7 دا asp ۋە asp.net قاچىلانمايدۇ ، شۇڭا بۇ تۈرلەرنى ئۈزىمىز تاللايمىز .
“程序” دىكى “打开或关闭Windows功能” نىڭ ئورنى (1-قىستۇرما رەسىم)

2. تاللاشقا تىگىشلىك تۈرلەر (2-قىستۇرما رەسىم)

تاللاش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مۇقۇملاشتۇرىمىز . بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدە قاچىلاش ئاخىرلىشىدۇ . ناۋادا سىزدىن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى سورىسا كۆرسۈتۈپ بىرىڭ .
3. قاچىلاش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن باشلاش كۆزنىكىنىڭ “管理工具” دە “Internet信息服务管理器” تۈرى پەيدا بولىدۇ . ( IIS manager دېگەن شۇ .) . ناۋادا كۆرۈنمىگەن بولسا تۈۋەندىكى ئۇسۇل بۇيىچە قوشۇڭ:
باشلاش كۆزنىكىنىڭ خاسلىقىدىن “系统管理工具” نىڭ “在所有程序菜单显示” ياكى “在所有程序菜单和开始菜单上显示” تۈرىنى تاللاپ قويۇڭ . (3-قىستۇرما رەسىم)

4 . Internet信息服务管理器 نى ئاچسىڭىز مۇنداق كۆرۈنىدۇ . (4-قىستۇرما رەسىم)

5 . IIS7 دا ASP+Access مۇھىتى راسلاش (بۇ باسقۇچنى قىلمىسىڭىز asp ئىشلىتەلمەيسىز .)
应用程序池(ApplicationPool) \n نى DefaultAppPool تىن Classic.NETAppPool غا ئۆزگەرتىمىز . (5-قىستۇرما رەسىم)
(يەنى ماس بېكەتنىڭ “基本设置” تۈرى ئىچىدىن )

6. 系统盘:\Windows\ServiceProfiles\NetworkService\AppData\Local ئىچىدىكى temp مۇندەرىجىسىگە Authenticated Users ئىسىملىك ئابۇنت قوشۇمىز .
باسقۇچىلىرى : Temp مۇندەرىجىسىنىڭ “属性”كۆزنىكى “安全” تۈرىدىن “编辑” نى چىكىمىز .添加نى چىكىپ ، چىققان كۆزنەككە ”Authenticated Users نى يازىمىزئاندىن مۇقۇملاشتۇرىمىز . Authenticated Users نىڭ ھۇقۇق تۈرىدىن 完全控制غا توغرا بەلگىسى قۇيىمىز .(6-قىستۇرما رەسىم)

ئاخىرقى قەدەم : 父路径 قوزغىتىش
باشقۇرۇش باش بېتىدىكى “ASP”نى چىكىپ “启用父路径” نى True غا ئۆزگەرتىمىز . (7-قىستۇرما رەسىم)

ئەسكەرتىش : wwwroot مۇندەرىجىسىنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرىگە 完全控制 ھۇقۇقىنى بىرىشنى ئۇنۇتماڭ .
مانا ھازىر IIS+ASP+Asp.net مۇھىتى قۇرۇلۇپ بولدى .
ئەمدى PHP+Mysql+Apach+Zend+phpMyAdmin مۇھىتى قۇرۇمىز . بۇنىڭ ئۈچۈن comsenzexp نى قاچىلايمىز .
1. سىستېما تەلىپى
-----------
CPU : Intel PIII 500MHz
ئىچكى ساقلىغۇچ: 256MB
قاتتىق دىسكا بوشلۇقى : 100MB
مەشغۇلات سىستېمىسى:Microsoft Windows 2000/XP/2003/Vista
2. ComsenzEXP قۇرۇلمىسى
----------------------
Discuz! 6.1.0 GBK
SupeSite 6.0 UC GBK
UCenter 1.0.0 GBK
UCenter Home 1.0 GBK
SupeV 1.0.0_Beta2 GBK
ECShop 2.6.0 GBK
Apache 2.2.8
MySQL 5.0.51
PHP 5.2.5
Zend Optimizer 3.3.0
phpMyAdmin 2.10.0.2
چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://www.discuz.net/thread-223885-1-1.html
MySQL root 用户初始化密码:root
MySQL discuz 用户初始化密码:comsenzexp
باشقا قۇشۇمچە ئۇچۇرلارنى comsenzexp نى چۈشۈرۈپ ، ئىچىدىكى readme.txt ئىچىدىن كۆرۈڭ .
بولاقتىن يەشكەندىن كىيىن setup.exe نى ئىجرا قىلىپ ، باسقۇچ بۇيىچە داۋاملاشتۇرۇڭ . .. سل ساقلىسىڭىز بارلىق مەشغۇلات ئاخىرلىشىدۇ ، ھەم ئىجرا بولىدۇ .
مانا بارلىق مەشغۇلات ئاخىرلاشتى .
iis يەنى asp كۆرۈش ئادرىسى : http://localhost
php كۆرۈش ئادرىسى : http://localhost:1108
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن . . . . . .. . . .
asp , php , asp.net پروگىراممىسى يېزىشقا قىزىقىدىغانلار بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ . ھەمكارلىشىپ پىروگىرامما تۈزۈش تەييارلىقى قىلىنىۋاتىدۇ . . .
تۈزگۈچى : نۇرقۇت دۇنياسىدىن FinalDream ئەپەندى
مەنبە : http://www.nurqut.com/ud/viewthread.php?tid=369 |