بىزگە قوشۇلۇڭ |كىرىش

دۇنياسى يېڭىلاندى! پىكىر مەقسىتىمىز بىر! مەنزىلىمىز بىر! كىلەچەك ئۈچۈن ... نۇرقۇت ئەترىتىئىزىمىزسېپىمىزگە قوشۇلۇڭ

ئۇيغۇرچە Discuz!X1.0 بولىقى تارقىتىلدى | تەپسىلىي ئۇيغۇرچە Discuz!X1.0 نى تەڭشەش باسقۇچلىرى Discuz!X1.0 ئورنىتىش | نەشىر يۇقىرىلىتىش

Discuz!X 1.0Discuz!7.2.0PHPWind7.3.2 HDwiki4.0.3DIY-Page 6.0DV B B S 8.2.0 Discuz!7.0.0Discuz!6.1.0Discuz!6.0.0

بىزگە قوشۇلۇڭ |كىرىش

نۇرقۇت دۇنياسىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

تور بېكەتلەردىكى مۇنبەرگىمۇ ئايرىم ئىجازەتنامە بېجىرىلىدۇ

يوللىغۇچى: charwichi| يوللانغان ۋاقتى: 2010-1-30 00:13| كۆرۈلۈشى: 893| ئىنكاس سانى: 6
مەشغۇلات :

يېقىندىن بۇيان دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ھەرقايسى بوشلۇق بىلەن تەمىنلىگۇچى شېركەتلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ،ئۆز بوشلۇقلىرىدىكى  تور بېكەت ۋە مۇنبەرلەرنى ئېنىقلاش، رەتلەش، تەرتىپكە سېلىش خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇردى. بۇندىن كىيىن تور بېكەت ئۇچۇن icp بېجىرىش بىلەن بىرگە ،بېكەت ئىچىدىكى  مۇنبەر ئۇچۇنمۇ مەخسۇس ئايرىم ئىجازەتنامە (ئەنگە ئېلىش) رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى تەلەپ قىلماقتا.نۇرغۇن بېكەتلەرنىڭ مۇنبەرلىرى ۋاقتىنچە توختىتىلىپ، رەسمىيەت بېجىرىشكە بۇيرۇلماقتا.
مۇنبەر ئۇچۇن رەسمىيەت بېجىرىش تەرتىپىنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۇڭ:

يېڭى ئىنكاسلار

FinalDream 2010-1-30 09:08
بۇ بەلگىلىمە بۇيىچە ئېيتقاندا شەخىسلەرنىڭ BBS ئېچىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، ئۇلارنىڭ شەرتىگە چۈشمەيدۇ .

قېنى ئەھۋالغا قاراپ باقارمىز . بەك بىجىرىشكە ئامال بولمىسا مۇنبەرنى تاقاشقا توغرا كىلىدۇ .
Spx 2010-1-30 23:01
نىمانداق قىلىدىغاندۇ بۇ خەق ...
munglan 2010-1-31 03:16
بۇنداق قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى ، CN ئىسىمنى شەخىسكە ئالغىلى قويمىۋېدى قاندىقى قانداق بولغان تۇرۇپلا يەنە ئالغىلى بولىدىغان قىلىپ قويۇپتۇ ، ئۆزىگە زىيان، تور دېگەن ئەركىن دۇنيا تۇرسا ، ھېلىمۇ ICP تەستىق نومۇرى ئالىدىغان ئىش دۆلىتىمىزدىلا بار ، شۇنىڭغىمۇ شۈكرى دېمەيدىكەنغۇ تاڭ ، بولمىسىغۇ مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسى ، ئۇچۇر باشقۇرۇش مىنىستىرلىكى دېگەندەكلەر قايسى بىرى ئوغىرى نەشىردىكى XP نى ئىشلەتمەيدۇ . مۇشۇنى ئويلىسامزە ھەي ~~~~
munglan 2010-1-31 03:20
قېنى قاراپ باقارمىز ، مۇنبەر ئەمەس بلوگ ، ناخشا مۇزىكا دېگەنلەرنىمۇ ئۇجۇقتۇرۋاتىدۇ ، تېخى ھازىر بەزى بوشلۇق ساتقانلارنىڭ مۇلازىمېتىرىغا بىر خىل دېتال قاچىلايدىكەن بۇ دېتال بېكەتتە قالايمىقان ئۇچۇر بارمۇ يوق نازارەت قىلىدىكەن ، مۇلازېمىتىردىكى ئاشۇ كۆزەتچى دېتالىمىز يېزىقىنى تونىمىدى دەپ ئۇيغۇرچە بېكەتكە كۈن يوق. قاقشىساق ئۇلاردىمۇ ئامال يوقكەن ، ساقچى دائىرلىرىنىڭ ئىشى دەيدۇ .  بۇ خىل دېتالنى ئاستا ئاستا ھەممە بوشلۇق ساتقۇچىلارغا تاڭىدىغان ئوخشايدۇ ، ئەگەر بۇنى قاچىلىمىسا بوشلۇق سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغان ئوخشايدۇ.
FinalDream 2010-1-31 17:12
ۋاقت ئۆتكەنچە بۇ ئىشلارنىڭ نەتىجىسىمۇ چىقىپ قالار .
Nadan 2010-2-28 19:25
توۋاھ


سەھىپىلەر

.