بىزگە قوشۇلۇڭ |كىرىش

دۇنياسى يېڭىلاندى! پىكىر مەقسىتىمىز بىر! مەنزىلىمىز بىر! كىلەچەك ئۈچۈن ... نۇرقۇت ئەترىتىئىزىمىزسېپىمىزگە قوشۇلۇڭ

ئۇيغۇرچە Discuz!X1.0 بولىقى تارقىتىلدى | تەپسىلىي ئۇيغۇرچە Discuz!X1.0 نى تەڭشەش باسقۇچلىرى Discuz!X1.0 ئورنىتىش | نەشىر يۇقىرىلىتىش

Discuz!X 1.0Discuz!7.2.0PHPWind7.3.2 HDwiki4.0.3DIY-Page 6.0DV B B S 8.2.0 Discuz!7.0.0Discuz!6.1.0Discuz!6.0.0

بىزگە قوشۇلۇڭ |كىرىش

نۇرقۇت دۇنياسىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

[ئۇچۇر] نۇرقۇت ئەترىتى مەھسۇلاتلىرىنى قالايمىقان تارقاتماڭ

يوللىغۇچى: FinalDream| يوللانغان ۋاقتى: 2009-5-25 20:05| كۆرۈلۈشى: 4492| ئىنكاس سانى: 10
مەشغۇلات :

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش

يېقىندىن سەل ئالاھىدە ئەزالار كۆپىيىپ قالدى ، ئۈزى ئىشلەتكەننىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۋەتكەننى ئاز دەپ ، نۇرقۇت ئەترىتىنىڭ تەرجىمە مىۋىسىنى ئۆزىنىڭ بېكىتىدە خالىغانچە تارقاتقان ، كىلىش مەنبەسى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرمىگەن .

شۇ نەرسە ئىنىق بولسۇنكى ، بىز تېخى ھەرقانداق بىر ئورۇن ياكى شەخىس نۇرقۇت ئەترىتىنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى ئۆز نامىدا تارقاتسا بولىدۇ دېمىدۇق. بەك تارقاتقۇڭىز كەلسە ، بېكىتىمىز چۈشۈرۈش تەمىنلىگەن تېمىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ ئاندىن چۈشۈرۈش تەمىنلەڭ . ئالدىنقى شەرتى بىز تەمىنلىگەن چۈشۈرۈش بەت ئادرېسى ۋە «نۇرقۇت ئەترىتى» نىڭ ئىسمى چوقۇم ئىنىق ئەسكەرتىلگەن بولۇشى كېرەك .

ئالاھىدە ئەسكەرتىش :  بىز پەقەت بىزنىڭ بېكەتتىن چۈشۈرگەن پروگرامما كودىنىڭ ساپلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز ! باشقا جايدىن چۈشۈرگەن بولسىڭىز مەسىلە چىقسا بىز بىلەن ئالاقىسى يوق. ئۆزىڭىز قالايمىقان ئۆزگەرتىپ ياكى باشقىلار قالايمىقان ئۆزگەرتىپ مەسىلە چىققاندا گۇناھنى بىزگە قۇيۇپ يۈرمەڭ.
ھەممىمىزنى بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەيلى ! بىر-بىرىمىزنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەيلى! .... كىيىنكى يوللىرىمىز تۇسۇلۇپ قالمىسۇن !

ئەسكەرتىشكە قۇلاق سالماي ، داۋاملىق يەنە شۇنداق قىلغۇچىلار بىزدىن رەنجىمەڭ !

يېڭى ئىنكاسلار

تىرىش 2009-5-26 03:59
قانداق گەپ بۇ؟
ئالدىنقى مەزگىللەردە تەرجىمە قىلىدىغان ئادەم تېپىپ بولالماي، سۈپەتنى توغۇرلاپ بولالماي يۈرگەندە نەدە يۈرۈپتىكەن ئۇ تورداشلار؟ ئەمدى نەدىن كەلدى بۇ ئىش؟
WebGreat 2009-5-26 19:10
يەنە ئۇيغۇر خاككىز بازىسىمۇ ،تەرجىمە ئۇچۇرلىرىنى ئىلىۋەتكەندەك قىلامدۇ نىمە؟
WebGreat 2009-5-26 19:11
http://www.uyhackbase.cn/bbs/ توربىتى تەرجىمە ئۇچۇرلىنى ئىلىۋىتىپتۇ
kuysoyar 2009-5-27 18:29
بۇيەردە بىر ئىككى ئىغىز گەپ بىلەن بىرنەرسە دەپ بولغىلى ياكى بۇلارنى توسۇپ بولغىلى بولمايدۇ .
ئۇلارنىڭ ئىلىۋىتىشىدىكى سەۋەن ئىچىنىڭ تارلىقىدىن .
تەكلىۋىم : تەڭشىگەن ۋاقىتتا ئازتولا ئۆزۈڭلارغا ئارقا ئىشىك قالدۇرۇپ قويۇڭلار ،مۇشۇلارغا ئوخشاش يۈزى قىلىنلار چىققاندا شۇ يول بىلەن كىرىپ ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگىدەك دەرىجىدە بۇزىۋەتسەڭلار ئاندىن تويىدۇ .
بولدىلا ئاۋال سىلەر شۇلار بىلەن سۆز لىشىپ بىقىڭلار،گىپىنى ئاڭلاپ بىقىپ ئاندىن بىر تەرەپ قىلارسىلەر
سۈرلۈك007 2009-6-17 05:33
بۇزىۋەتسەڭلار تويىدۇ دىگەن قەتئىي قەتئىي قاملاشمىدى ھە!
مەن تېخى يەنە ئەسلىگە ئەكىۋەتسەڭلار دەيدىغان ئوخشايدۇ دىسەم
سۈرلۈك007 2009-6-17 05:34
بۇزىۋەتسە ئىشەنچىسىز بىر تور بېكەت ھېسابلىنىپ قالمامدۇ؟ يەنىلا شۇ ئۆزگەرتكۈچىنىڭ ساپاسىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىدىن .
ئىشقىلىپ بۇزىۋېتىشكە نۇرقۇتمۇ قەتئىي قوشۇلمايدىغىنىغا ئىشىنىمەن .
EnQa 2009-6-28 12:15
نەشىر ئۇچۇرى رايۇنىغا ئازراق «تېخنىكا» ئىشلىتىپ قويايلى، بۇنداق يۈزى قېلىنلار چېقىلغان ھامان چاتاق كۆرۈلىدىغان بولسۇن.
uighurboy 2010-5-14 09:21
توۋا  ئاجايىپ شەخسىيەتچى ئادەمكەن ....  نەشىرى ئۇلانىڭ بىرەر يىرىگە پۇتلاشمىسا يا
hakaniya 2010-5-14 16:10
ئۆتكلەندىمۇ  قېرىنداش مىللەتلەر ئوغۇرلاپ يۇرۇپتۇبۇنى ،ئۇيغۇرچە تەرجىمىنى ئۇلار تەييارلا ئىشلىتىدۇ دە ،بولسا پىرورگىراممىنى ئەزالارلا چۇشۇرەلەيدىغان قىلىپ تەڭشىسىڭىز قانداق بولىدىكىن ؟


سەھىپىلەر

.